top of page

Past Events

-4614666999220179171.png


Watch on Twitter, Facebook, or YouTube 

ھەر تەرەپلىمە ياخشى ياشاش ئۈچۈن ساغلاملىق ۋە روھىي ساغلاملىق يېتەكچىلىكى: پائالىيەت خۇلاسىسى ، 2- ئاي. ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىسى سۇسان ۋىتمان ۋە مارگارېت كوئان، ئۇيغۇر روھىي ساغلاملىق تەشەببۇسىغا ۋاكالەتەن، خالىسانە ساغلاملىق يېتەكچىلىكى مۇلازىمىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىلىكى خىزمىتى، خىزمەت تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدىكى تەڭپۇڭلۇق، ئەقىل ۋە بەدەن، ھەرىكەتچانلىق، ئوزۇقلۇق، مۇھىت، مۇناسىۋەت، شەخسىي تەرەققىيات، مەنىۋىيەت، ئۇيقۇ ۋە ئارام ئېلىش جەھەتلەردىكى نىشانىنى بەلگىلەپ، ھەرتەرەپلىمە ساغلاملىقىنى ئومۇمىيۈزلۈك داۋالاش نۇقتىسىدىن ئىزدىنىشىگە ياردەمچى بولىدۇ. ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىلىكى خىزمىتى قاتناشقۇچىسى مۇستاپا ئاقسۇ، خالىسانە مۇلازىمەت پروگراممىسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئ‍ېرىشكەن پايدىلىق تەجىربىسىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مېنىڭ تەكلىپىم - ئۆزىڭىزگە بىر پۇرسەت بېرىڭ. سىزنىڭ بۇ جەريانغا قاتنىشىشىڭىز ۋە سىز ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك بولغان نىشانىڭىزنى بەلگىلەش ئىرادىڭىز قانچىلىك مۇھىم بولسا، سىز بىلەن يېتەكچىڭىز ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتمۇ شۇنچە مۇھىم. يېقىنقى يىللاردا ھەممىمىز كارانتىن كۈنلىرىدە چىداملىقلىقىمىزنى سىنايدىغان مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدۇق.بولۇپمۇ، ئائىلىمىزدىن ئايرىلغان نۇرغۇن ئۇيغۇر يۇرتتاشلىرىم ۋە دوستلىرىم ئۈچۈن ئېيتقاندا، بىز بۇ قېتىم ناھايىتى چوڭ خىرىسقا دۇچ كەلدۇق، نۇرغۇنلىرىمىز كوللىكتىپ ۋە شەخسىي قايغۇنىڭ ئېغىر يۈكىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بولدۇق. ساغلاملىق يېتەكچىلىكى بىزنىڭ كەچۈرمىشلىرىمىزنى بىر تەرەپ قىلالايدىغان، ئۆزىمىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر پۇرسەت يارىتىپ بېرەلىشى مۇمكىن.ئ‍ۆزىمىزگە ئەھمىيەت بېرىشىكە سەل قارىماسلىقىمىز كېرەك. گەرچە شەرت-شارائىت بۇنىڭغا ئ‍مكانىيەت بەرمەيدىغاندەك قىلسىمۇ، ئۆزىنى ئاسراش ئىنتايىن مۇھىم. شۇڭا، ساغلاملىق يېتەكچىلىكىنى ئۆزىمىزگە بىر مەبلەغ سېلىش دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ، ئىرادىمىزنى تاۋلاش ۋە بىز ئۈچۈن پايدىلىق بولغان مەسىلىلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنى بايقاشتا ئۇستىلىشىش بىلەن ھاياتنىڭ داۋالغۇشلىرىنى كونترول قىلىشنى ئۆگىنىدىغان بىر پۇرسەتتۇر. بەزىدە ياردەم تەلەپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئۈچۈن قەدەم بېسىش، ئۆزىنى سۆيۈشنىڭ جۈملىسىدىن ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەك. بىز بۇلارنى قىلىش بىلەن، تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاپلا قالماي، ئەتراپىمىزدىكىلەرگە ئاكتىپ ئۈلگىمۇ بولالايمىز». بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنى، كەسپىي مەسلىھەتچىلەر بىلەن خالىسانە مەسلىھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا باشقا ئۇيغۇر رۇھىي ساغلاملىق تەشەببۇسى مۇلازىمەتلىرىنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈلۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

Post for Chronic Stress UWI event Dec 2023_edited.jpg

Hear from Dr. Paul Bunge as he shares about physical wellness and mental health resilience in the face of ongoing stress and burnout. Dr. Bunge, MD Internal Medicine and MA Counseling and Leadership, is an internal medicine doctor, hospitalist and practicing hospice doctor with a long history of involvement in compassionate patient care and holistic wellness. He is intimately familiar with refugee health care, and has experience in emergency and crisis situations around the world. Watch here.

ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى پائالىيەت خۇلاسىسى دوختۇر پائ‍ۇل بۇنىج سوزۇلما خاراكتېرلىك روھىي بېسىمغا قارىتا ئوتتۇرىغا چىققان جىسمانىي ئىنكاسلار ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئورتاقلاشتى. ئۇ، مېڭە، بەدەن ۋە روھنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىش يوللىرىنى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىك روھىي بېسىمنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مۇسكۇل تىقىلمىسى ، يۈرەك سانجىقى ، ئېغىز قۇرغاقلىشىش ، كۆڭلى ئاينىش ، كىچىك تاھارەتكە كۆپ چىقىش، ھەزىم قىلىشتىكى مەسىلىلەر ، باش قېيىش ، چىڭقىلىش ۋە تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى بەدىنىمىزدىكى روھىي بېسىمنىڭ فىزىكىلىق ئىپادىلىرى بولۇشى مۇمكىن. ئۆزىمىزنى كېسەل ھېس قىلساق ، دەرھال دوختۇرغا بېرىپ، كېسەللىكلەرنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەگەر بىز ئۇزۇن داۋام قىلغان روھىي بېسىمغا دۇچ كەلگەندە ، بەدىنىمىزدە پىسخىلوگىيەلىك ۋە روھىي ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ كۆرۈلىدىغانلىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ سالامەتلىكىمىز ئۈچۈن ، بۇ ئالامەتلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشىمىز ناھايىتى مۇھىم. شۇنداقلا ، ئارام ئېلىش ، بىزنى چۈشىنىدىغان، مۇڭدىشالايدىغان كىشىلەر بىلەن بىللە بولۇش ۋە جىسمانىي جەھەتتىىكى ساغلاملىققا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشىمىز كېرەك. ئۆزىمىزگە ياردەم قىلىشنىڭ ئاخىرقى يولى ھاياتنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە مەنىۋى جەھەتتىكى بوسۇش خاراكتېرلىك تەسكىنلىك ئۈستىدە ئىزدىنىش. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ، دۇنيادىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايمىز.بىز ئۆزىمىزھەل قىلالمايدىغان چوڭ نەرسىلەرگە ئېسىۋالماسلىقىمىز كېرەك.

Coping With Suffering in Our Community
01:07:48

Learn from therapist and peacebuilder Mirela Popaja-Hadzic as she discusses the topic of "Coping with Suffering in Our Community". In addition to sharing from her professional perpective, she shares her own stories of grief and lament that helped her on her journey of healing the genocide in her own country of Bosnia. Co-sponsered by the Uyghur Human Right Foundation, Uyghur American Association, Peace Catalyst Internation and others. Presentation in English.

نويابىر پائالىيەت خۇلاسىسى تېببىي دوختۇر ۋە تىنچلىق تەرەپتارى مىرېلا پوپاجا-خادزىچ، 1990-يىللاردىكى بوسنىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئۇرۇشىدا ھايات قالغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ كەسپىي ۋە شەخسىي كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ ئۆتتى. ئۇ ئۆزى دۇچار بولغان روھىي كېسەللىكتىن ساقىيىشى كېرەكلىكىنى ھېس قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ غەم-قايغۇسى بىلەن قانداق كۈرىشىش كېرەكلىكىنى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتىدا قانداق ئىلگىرىلەش ئىمكانىيىتىنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يەتكەن. ئۇنىڭ مۇلاھىزىسىدە، روھىي بېسىمنىڭ جىسمانىي ئالامەتلىرى ، كېسەللىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ۋە روھىي بېسىمنىڭ قاباھەتلىك چۈش كۆرۈش، تەشۋىشلىنىش ۋە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۈېتىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلار بار ئىدى. (بىز بۇنى قورقۇش پىسخىكىسىنىڭ ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كېتىشى، دەپ چۈشىنىمىز ھەمدە ھەمىشە ئەڭ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ دەپ قارايمىز). دوختۇر يەنە، جىسمانىي بېسىمنى، بېسىم دەرىجىسىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارنى ئاشۇرۇشتا ساغلاملىق ، بەدەن چېنىقتۇرۇش ، روھىي مەدەت ۋە مەسلىھەت بېرىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئەڭ مۇھىمى ، مىرېلا ئۆزىنىڭ دەرت-ھەسرىتىنى ۋە بېشىدىن كەچۈرگەن پاجىئەسىنى ناھايىتى ئىنسانىي ۋە مەنىۋى نۇقتىدا تۇرۇپ ئورتاقلاشتى ، بۇ ئۇنىڭغا ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ئاتا قىلغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئازاپلىرىنى يۇيۇپ تازىلىشىدا سېمۋول خاراكتېرلىك بىرقېتىملىق، ئالاھىدە پىسخولوگىيەلىك ئېلىشىش جەريانىنى، ئەمەلىي بىر چېنىقىش جەريانىنى تەپسىلىي سۆزلەپ بەردى. ئۇ بۇنى، ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى قوبۇل قىلالىغان، ئۇلاردىن قۇتۇلۇپ، بۇ دەرتلىرىدىن ھالقىپ ياشاشنى قارار قىلغان ئىنتايىن ئازابلىق بىر جەريان ئىدى، دەپ تەسۋىرلىدى. مىرېلا تاماشىبىنلارنى ئىلھاملاندۇرۇپ، مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ھايات مۇساپىمىز قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، بىزمۇ تۇرمۇشىمىزنى ياخشىلاشقا ئەمەلىى ۋە روھىي جەھەتتىن قەدەم تاشلىيالايمىز. «مەن ئۆزۈمنى ئۆتمۈشىمنىڭ كۈللىرىگە كۆمۈپ يىغلاپ كەتتىم ... ئەمدى دەرت-ئەلەملىرىمنىڭ مېنى ھېچقاچان ۋەيران قىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم». مىرېلا پوپاجا-خادزىچ

A Ramadan Celebration of Uyghur Culture and Cuisine

Understanding the Burden of Survivor's Guilt

bottom of page