top of page

تەربىيەلەنگەن كەسپىي خادىملاردىن ھەقسىز ياردەم

مەيلى ۋەتىنىدە ياكى دىئاسپورادا بولسۇن ، ئۇيغۇرلار ھەددىدىن زىيادە رۇھىي بېسىم ، تەشۋىش ، قايغۇ ۋە دەرت-ئەلەمگە ساغلام بىر شەكىلدە يۈزلىنىشتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەكتە،  ۋە ئۇلارنىڭ  كۈندىلىك تۇرمۇشىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەمما بىزنىڭ بۇنى ئۆزىمىزگىلا تايىنىپ بىر تەرەپ قىلىشقا تىرىشىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز بىلەن ھەمكارلىشىشنى خالايدىغان ساغلاملىق مۇتەخەسىسلىرى بار. ئۇلار بۇ ئېغىركرىزىس ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشنى چىن كۆڭلىدىن خالايدۇ.

 

ئەگەر سىز بېسىم ، ئۈمىدسىزلىك ۋە غەم-قايغۇغا دۇچار بولۇۋاتقان ھەرقانداق بىر ئادەمنى تونۇسىڭىز، ئۇنىڭغا مەخسۇس تەربىيەلەنگەن كەسپىي خادىملارنى تونۇشتۇرۇڭ. بۇ خادىملار ئۇلار بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ ، ئۇلارغا ئەرزان باھادا ياكى ھەقسىز ياردەم قىلىدۇ.  ياردەمگە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئېلخەت ئەۋەتىڭ:  uyghurwellness@gmail.com ( بارلىق ئىسىملار مەخپىي تۇتىلىدۇ).

My counselor makes time for me, listens to me, and sends me resources. It helps a lot…— Rena

«بىز دەسلەپ باشلىغان چاغدا، بۇنچىلىك نەتىجىلىك بولىدۇ، دەپ ئويلىمىغان ئىدىم.

 ئەمما بۇ جەريان مەن ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق بولدى. يېتەكچىم ماڭا ناھايىتى ئورۇنلۇق تەكلىپلەرنى بېرىدۇ. ئۇ مېنىڭ چېنىقىش، ئۆزۈمگە ھەددىدىن زىيادە يۈك يۈكلىمەسلىك، مەقسەت-پلانلىرىمنى  تېخىمۇ ئېمىق بەلگىلىشىمدە ياردەمچى بولدى.»

— ئ‍ەنۋەر

ھەقسىز ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىسى

روھى ۋە مەنىۋى ساغلاملىقىڭىزنى قوغداش ھەققىدە ياردەم ئېلىشقا قىزىقامسىز؟

 جىسمانىي ساغلاملىقىڭىزنى ياخشىلاش ، خاتىرجەم ئۇخلاش ، ئېغىر بېسىمنى كونترول قىلىش، زېھىن ساغلاملىقىڭىزنى قوغداش، ئائىلە مۇناسىۋىتى ،  خىزمەت ۋە شەخسىي تۇرمۇشىڭىز ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقلارنى ساقلاش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەرنى بەلگىلەش ئۈچۈن  ياخشى ياشاش يېتەكچىلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئويلىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.

HealthyCircle-1.png

ساغلاملىق يېتەكچىلىرى سىزگە قانداق ياردەم قىلىدۇ؟

​ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىلىرى سىزنىڭ نىشانلىق پىلانلار بەلگىلەپ چىقىشىڭىز ۋە  ئۆزىڭىزگە پايدىلىق بولغان ساغلاملىق ئادەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشىڭىز ئۈچۈن سىزنى  ئالغا بېسىشقا يېتەكلەيدۇ. ئۇلار سىزگە نېمە قىلىشىڭىز كېرەكلىكىنى ئېيتمايدۇ. ئەكسىچە، سىز تاللىغان ئىستراتېگىيەگە ئاساسەن سىزگە ياردەم قىلىدۇ.

يېتەكچىلىك قانداق ئېلىپ بېرىلىدۇ؟

ئادەتتە  يېتەكچىڭىز بىلەن3-6 قېتىم، 30-45 مىنۇت ئەتراپىدا داۋام قىلغان كۆرۈشۈشلەر ئارقىلىق مۇڭدىشىسىز، مەسلىھەت سورايسىز. بارلىق كۆرۈشۈشلەر تور ئارقىلىق بولىدۇ.

ھەقسىز مەسلىھەت سوراشقا بولىدۇ!

ۋېرمونت ئۇنۋېرسىتىتىدا گۇۋاھنامە ئېلىش ئۈچۈن تەربىيەلىنىۋاتقان پراكتىكانت يېتەكچىلەر ھەقسىز يېتەكچىلىك خىزمىتى بىلەن تەمىنلىمەكتە.  بۇ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىسى تەربىيەلەش بۆلۈمىدىكى پراكتىكانت ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئالاقىلىشىش ئۈچۈن سۇسان ۋىتمان بىلەن ئالاقىلىشىڭ .( UVMIHinfo@med.UVM.edu )

«مېنىڭ ساغلاملىق ۋە ياخشى ياشاش يېتەكچىم ئىنتايىن ئېسىل ئىدى.   يېتەكچىم ناھايىتى 

سەۋرچان ۋە تاقەتلىك بولۇپ، ماڭا ھەقىقەتەن كۆپ ياردەم قىلدى».

- ئۇيغۇر، ياردەم تەلەپ قىلغۇچى. 2022-يىلى ئەتىيازدا، 6 ھەپتە ھەقسىز ساغلاملىق يېتەكچىلىكى مەسلىھەتى ئالغاندىن كېيىن.

bottom of page